Search from various English teachers...
China flagTeghdir
توۋا دەيمەن توۋا دەيمەن، ھازىرغىچە بۇ تور بىكىتىدە جىق بولمىسىمۇ بىر قانچە پارچە ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىپ بېقىپتىمەن ،ئەمما ئۆزەمنىڭ ئانا تىلىم بولغان ئۇيغۇر تىلىدا ماقالە يېزىپ باقماپتىمەن. گەرچە ئۆز ئانا تىلىمنى پىششىق بىلسەممۇ، بۇ تور بېكىتگە باشقا تىللارنى مەشىق قىلىش مەقسىتىدە چىقساممۇ،لىكىن ئانا تىلىمدا ماقالە يازسام نىمە بوپتۇ ؟ ئانا تىلىمدا ماقالە يېزىپ ئۇيغۇر تىلىنى باشقا كىشلەرگە كۆرسەتسەم نىمە بوپتۇ ؟ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى توردا ئۇيغۇر تىلىنى بىر قىسىم ئورۇنلاردا ئشىلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولغانلىقى توغىرسىدا بىر نىمىلەرنى كۆرگەن ئىدىم ،بەلكىم ھازىر قوش تىللىق بولۇپ كەتكەچكە ، بەزىلىرىمىز باشقا تىللارنى ئۆگنىشكە بەك كۈچەپ كېتىپ ئۇيغۇر تىلىغا سەل قاراپ ،ئۇيغۇر تىلىنىىڭ ئىشلىتىلىش نىسپىتىنىڭ تۆۋەن بولشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىمىز. مەن بىر قانچە مىنۇت ئىلگىرى بىر ماقالە ئېلان قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزەمنىڭ ئانا تىلىمدا ماقالە ئېلان قىلىپ باقمىغانلىقىمنى بايقاپ ،شۇ زامان بىر ئۇيغۇرچە ماقالە يازماقچى بولدۇم-دە ،بۇنى يازدىم ھەم يېزىپ ئولتۇرماقتىمەن. گەرچە ئۆز ئانا تىلىمدا يازغان يازمام شۇنچىلىك ئاددى بولسىمۇ ،ئۇيغۇر تىلىدا ماقالە ئېلان قىلشىم كېرەكلىكىنى كىيىنراق بايقىغان بولساممۇ، لىكىن بۇنى يازغانلىقىمدىن ناھايتى خوشالمەن. قېرىنداشلار، باشقا تىللارنى ئۆگنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز ئانا تىلىمىزغىمۇ ئەھمىيەت بىرىپ قويايلى.

Corrections · 7

0
توغرا دەيسىز، ئەمەلىيەتتە بۇ توردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئانچە ئازئەمەسكەن.بىراق ئۇيغۇرتىلىدا يېزىلغان تېمىلار ناھايىتى ئاز بولغاچقا باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئاساسەن ئۇيغۇرچە يېڭىلىقلار بارمۇ يوق جىق دىققەت قىلمايدىكەن.شۇڭا ئۇيغۇرچە مەزمۇننى باشقىلارنىڭ يېزىشىغا قاراپلا تۇرماي ئۆزىمىز باش بولۇپ يازايلى.بىز باشقىلارنىڭ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە يارالمىغان،باشقىلارمۇ بىزنىڭ تىلىمىزنى ئۆگەنسۇن،ئۇيغۇرتىلىنىڭ ھەقىقىي قوللىنىشچان،ئەپلىك تىل ئىكەنلىكىنى بىلسۇن!
0
Yahshi , yahshi, sizning dawamliq uyghur tilidiki mazmunlardin bizni hewerlendurup turushingizni umut qilimiz. Amgikingizge barikalla.
0
!ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ناھايىتى ياخشى قىپسز. بۇ توردا ئۇيغۇر تىلىدا ماقالە يېزىش راستىنلا يېڭلىق
0
ئەسسالام ئەلەيكۇم!ياحشى ئويلاپسىز،سىزنى قوللايمىز،ۅەم بىزنىڭمۇ بۇنىڭدا مەجبۇرىيىتىمىز بار
0
yahxi oylapsiz kerindisim , sizdek oylaydihanlar , hic bolmihanda oylaxka jurat kilalaydihanlar kanqilik kaldi deysiz , hekliksiz , menmu yezixni oylihan , ama uygurqinin kandak kirguzuxni hic bilalmadim , insaallah bir yarlardin taparmen, birlikte oguneyli , birlikte tirixayli siglim !

Want to progress faster?

Join this learning community and try out free exercises!

Don’t miss out on the opportunity to learn a language from the comfort of your own home. Browse our selection of experienced language tutors and enroll in your first lesson now!

Start Learning Today